【新闻】 شىجىنپىڭ سۈنجىخەيگە شىنجاڭ پۇتبولىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى تاپىلىدى

2019-03-31 18:39:31

浏览量:2156

评论:0

سۈنجىخەي رەئىس شىجىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بويۇچە شىنجاڭ پۇتبولىغا ياردەمگە كەلدى


شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈندىدار سالونى كاپىتان تەرجىمىسى: 3-ئاينىڭ 28-كۈنى تۆتىنچى نۆۋەتلىك پۇتبولچىلار ۋەكىللەر يېغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يېغىندا سۈن جىخەي شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، ياش ئۆسمۈرلەر باش نازارەتچىسىگە سايلاندى. يېغىندا سۈن جىخەي باش رەئىس شىجىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى مېنى جوڭگۇ پۇتبولنىڭ كەلگۈسىنى ئۇزاق ئويلاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى،  ھەمدە ئۆزىنىڭ كەسپىي پۇتبول بىلىملىرى ئىدىيەسىنى شىنجاڭ پۇتبولىنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشىلاشقا ئاساس سالماقچىلىقىنى ئېيتقان . تۆۋەندىكىلەر سۈن جىخەينىڭ يىغىندا دېگەن نۇتۇقلىرى 

 ھۆرمەتلىك جاڭ جىيەن رەئىس، لىيى چۈن شۇجى  ھەرقايسى رەھبەرلەر، خىزمەتداشلار، ھەرقايسى تاراتقۇ دوستلار چۈشتىن كېيىنلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن! تۆۋەندە مەن پ پ ت  شەكلىدە ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭ پۇتبولى سەپىرىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان ۋە ئويلىغانلىرىمنى ئىپادىلىمەكچى. بىزدە يېڭى كوللېكتىپ، يېڭى سىستېما، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھەرىكەت قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تۇنجى قېتىملار سىنالماقچى. بۇ تۇنجى قېتىملىق  يېڭى نەرسىلەر شىنجاڭ پۇتبولغا ياردەم قىلىدۇ


 شىنجاڭ ئارزۇسى 


 بۇ ئىككى پارچە رەسىم، شى رەئىىس 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەنگىلىيەگە زىيارەتكە بارغاندا مانچېستېر شەھىرى كۇلۇبىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئىنگىلاد ئالىي بىرلەشمىسى مەشھۇر شەخسلەر مۇكاپاتىنى ئالغاندا چۈشكەن رەسىم. مەن ئۇلار بېلەن كۆرۈشكەندە ئۇلارغا پۇتبولچىلارنىڭ جوڭگۇ ئارزۇسى، پۇتبول ئارزۇسىغا بولغان تەشنالىقىنى ئىپادىلەپ بەردىم .شى رەئىس ماڭا   جوڭگۇ پۇتبولى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشنى ھاۋالە قىلدى. بۇ بىر ھاۋالە، ماڭا نۇرغۇنلىغان بېسىملارنى شەكىللەندۈردى! قانداق قىلىش كېرەك! مەن نۇرغۇن ئويلاندىم. ئۇزاق ئويلىنىپ شۇنى ھېس قىلدىمكى جوڭگۇ پۇتبولىدا ئارلىق ھەقىقەتەن چوڭ، نۇرغۇن كۇلۇبلار پۇتبولنى چىرايلىق ئوينىمايدۇ. ياخشى بىر كۇلۇبنى تەشكىللەش،  ياراملىق تېرىنىر ۋە ماھىرلارغا ئېھتىياجلىق. ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەش ئاساس، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم . شۇڭا مېنىڭ چىقارغان يەكۈنۈم ياش ئۆسمۈرلەردىن باشلاش، ئەڭ ئاساسلىق يەردىن چىقىش قىلىش



 سۈنجىخەي نېمە ئۈچۈن شىنجاڭنى تاللايدۇ؟


 مەن چوڭ بولغان يەر پۇتبول شەھىرى دالىيەن ئىنتايىن شانلىق تارىخى بار بولغان پۇتبول ماكانى. بىراق شۇنداق تالانتلىقلار كەم بولمىغان كوماندىدا، شىنجاڭ پۇتبولى بېلەن ئۇچراشتىم، مېنىڭ ياتاقدىشىم پەرھات ماڭا تۇنجى قېتىم شىنجاڭ پۇتبولىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان تۇنجى شىنجاڭلىق پۇتبولچى. بىز ئىككىمىز دۆلەت بىر يۈز يىگىرمە بىر كوماندىسىدا ئورتاق خىزمەت قىلىمىز، خىزمەت داۋامىدا نۇرغۇنلىغان شىنجاڭلىق بالىلار تاللىنىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ پۇختا بولغان ئاساسنى بايقىدۇق، بىراق ئورتاق چىقارغان يەكۈنىمىز بۇ ئۆسمۈرلەر تېخىمۇ كەسپىي بولغان، سىستېمىلىق تەربىيىلەشكە ئېرىشسە، ئۇلار بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولۇشى، جوڭگۇ پۇتبولچىلىقى ھەتتاكى ئاسىيا، پۈتكۈل پۇتبول دۇنياسىنىڭ چوققىسىدا تۇرالىشى مۇمكىن. مەن شىنجاڭغا كەلگەننىڭ ياقى شۈمىڭ  رەئىس بىلەن تونۇشتۇم، شۈ مىڭ رەئىس بايا ئېيتقان گەپلەردە بىر پارچە سۈرەتنى كۆرسەتتى، تەنتەربىيەگە بولغان قىزىقىش، ئۇلارغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى مېنى تەسىرلەندۈردى. مانا بۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ پۇتبول ئۈمىدى! شىنجاڭ پۇتبولچىلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ  يېتەكلىشى ئاستىدا گېرمانىيە س پ ئا  شېركىتى بېلەن شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق، مىلۇ  قاتارلىق مۇتەخەسىسلەر بىز بېلەن بىرگە بولدى. يەكۈنىمىز: بىر سىستېما كەمچىل، مۇنتىزىملاشقان تېرىنېر كەمچىل، تەربىيلەش ئاز، مۇسابىقە ئاز



 يېڭى سىستېما 


 قانداق سىستېما شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا ماس كېلىدۇ ؟ مېنىڭ يەكۈنۈم بىر مەركەز، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈچ دەرىجىلىك پىرامىدا. بىر مەركەزنى تىلغا ئالساق شىنجاڭ پۇتبول تەتقىقات مەركىزىدە  مەن لى جۈنمەن پروفېسسور بېلەن بىرلىكتە شىنجاڭ بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئۆسمۈرلەر تورى قۇرىمىز، بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر قۇرۇلۇش، نۇرغۇنلىغان يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش دەرسلەرنى يولغا قويىمىز. س پ ئا،  بۇ سەھنىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دەرسلەرنى ئاسانلا كۆرەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىز دۆلەت ئولىمپىك دەرىجىسىدىكى تېرىنىر قوشۇنى، پىشقەدەم ترېنېر، پىشقەدەم مۇتەخەسىس بېلەن ئالاقىلىشىپ، ئىلگىرىكى دۆلەت كوماندىسى ماھىرلىرى بېلەن بىرلىكتە تەربىيلەش سىستېمىسى قۇرىمىز. ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش:  پەن تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كەسپىي نازارەتلەر ئىنتايىن مۇھىم بولغان ھالقا. گېرمانىيە س پ ئا شېركىىتى سىپورتىس سېستىمىسى ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدىكى ماھىرلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەتقىق قىلىشقا يوللايدۇ. توغرا بولغان سېستىما مۇنەۋۋەر ماھىرلارنى تەربىيلەپ چىقىرىدۇ. بۇ ئارقىلىق مۇنتىزىم تولۇق بولغان، ئومۇميۈزلۈك بولغان سانلىق مەلۇماتلار تېخىمۇ يۇقىرى بولغان كەسپىي تەربىيلەش يوللىرىغا ئېرىشتۈرۈپ، سېستىمىدىكى ھەر بىر ماھىرنى ئۆزىگە ماس كەلگەن كەسپىي كۇلۇپ، كەسپىي ھاياتىغا تاللاش پۇرسىتى تەمىنلەيدۇ


 ئۈچ پىرامىدا: تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭ ئىچىدە پۇتبول خاسلىقىغا ئىگە 100 مەكتەپ تاللىنىلىدۇ،8 ۋىلايەت شەھەردە ياش ئۆسمۈرلەر مەركىزى قۇرۇلىدۇ. بۇ ئىلغار بولغان تەربىيلەش ئىناق، توغرا بەكمۇ كەسپىيلەشكەن. مەسىلەن: فرانسىيە ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەش سىستېمىسى ئۇلارنى 2018- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتۈردى. تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى قاتار بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. ئىلگىرى ئۇلار 8 كۈچلۈككىمۇ كىرىپ باقمىغان، ئەمەلىيەتتە ئۇلار س ئا پ شېركىتى بېلەن كەسپىي ھەمكارلىق سىستېمىسى ئورناتقان



يېڭى كوللىكتىپ 


ليى جۈنمەن  پروفېسسور كەسپىي ماھىر، كەسپىي تېرىنىر بولغان، ھازىر دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك چۈشەندۈرگۈچى، دەرس سۆزلىگۈچى. ئۇنىڭ پات يېقىندىلا جۇڭگودىكى كەسپى تېرىنىرلارغا دەرس ئۆتىدىغان تۇنجى ئادەم بولشىغا ئىشىنىمەن، ئۇ كەسپىي كۇلۇبلارغا تېرىنىر بولغان ھەم تەجرىبىسىمۇ بار. ئەترىتىمىزنىڭ يادروسى پەرھات كەسپىي كۇلۇبلاردىكى تۇنجى شىنجاڭلىق، ئۇنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەربىيىلىشى ئوخشىمىغان قاتلاملاردىكى شىنجاڭ كوماندىسىنى تەشكىللەپ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يېغىنى، ھەر قېتىملىق ياشلار تەنھەرىكەت يىغىنى، قاتارلىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتقان، شىنجاڭ تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس نەتىجىلەرنى ئۇ بارلىققا كەلتۈرگەن. جۇ يوڭشىڭ  مېنىڭ كىچىك ھالىتىم، شەنشىدىكى دۆلەت كوماندىسى ماھىرى شېنجېن قاتارلىق كۇلۇبلاردا توپ تەپكەن. لى لىيلىي  ۋاراتار ئالىسىدىن چىققان، ئۇنىڭ دادىسى ئىلگىرىكى سەپدىشىمىز، دۆلەت كوماندىسى ۋاراتارى، تېرىنىرى. مېنىڭ تېخىمۇ تەكىتلەيدىغىنىم ئاساسىي قاتلام پۇتبول تېرىنېرلىرى، ئۇلارنى تەربىيلەش! بۇ ئالتەيلەننىڭ بىرىكىشىدە سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى لى پروفېسسور، باشقا 5 كىشى د دەرىجىلىك كەسپىي دەرس ئۆتكۈچى، بىز كەسپى بولغان بىلىملەرنى ئىشلىتىپ ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى تېرىنىرلارغا كەسپىي بىلىملەرنى يەتكۈزىمىز،  بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۆسمۈرلەر توپ تېپىشنى باشلىغاندىلا شۇنداق تەربىيلەش، ئۇلارنى كەسپى تاللاشلارغا ئىگە قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، مەشىق جەريانىدا تېرىنىرنىڭ ئويلىغىنىنى تېزلا چۈشىنەلەيدۇ، ئارزۇ، كۆڭۈل قويۇش، مەسۇلىيەت، قان تەر، ئەقلىي ئىقتىدار ، ئىنچىكە ھالقا بىزنىڭ كوللېكتىپنىڭ ئىدىيىسى



 يېڭى تېخنىكا 


 گېرمانىيە س ئا پ   شېركىتى بىزگە قويۇپ بەرگەن بۇ بۆلەك قىسقا كۆرۈنۈش.2017- يىلى  مەن گېرمانىيەدە تەربىيىلىنىۋاتقان ۋاقتىمدىكى فىلىم، شىنجاڭ بۇ سىستېمىنى تاللاپ 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى  يولغا قويۇلىدۇ. مەكتەپلەر پۇتبولى بۇ يىل 7-ئايدا  يولغا قويلىدۇ، گېرمانىيە س ئا پ شېركىتى سىپورتىس ئونې سىستېمىسى تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىدۇ. بۇنداق ئىلغار سىستېما تەربىيىلىنىۋاتقان نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۆسمۈر ھەم تېرىنىرلاردا بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئادەتتىكى ئىشلىتىش، كۆرۈنۈشىمىز ئەقلىيلەشكەن مەيدان، تەھرىرلەنگەن فىلىم، لازىملىق ئۈسكۈنىلەرنى يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلەش


 يېڭى ھەرىكەت


 بىز كەلگۈسىدە مۇنەۋۋەر تېرىنىر ناملىق مۇكاپات سىستېمىسىنى يولغا قويىمىز. ھەر بىر پۇتبول تېرىنىرى، ھەتتاكى چەت يىراقتىكى ئاساسىي قاتلام تېرىنىرلارنىمۇ  تېخىمۇ ئاكتىپلاشتۇرىمىز، بۇ مۇكاپات تۈزۈلمىسى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن ماھىرنىڭ ئىپادىسىگە قاراپ تېرىنىرغا بېرىلگەن مۇكاپات، مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈش. مۇكاپاتلاش پىلانى: بەش نەپەر 8-10 ياشلىق ماھىرلارنى ئومۇميۈزلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغان فىلىم شەكلىدە سانلىق مەلۇمات توپلاپ چىقىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا مۇنەۋۋەر ماھىر قىلىش،  2030- يىللىق جوڭگۇ دۇنيا لوڭقىسىدا شىنجاڭنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىش

مەزكۇر تېما دۆلىتىمىز پۇتبولچىلىقىغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاچقا تەرجىمە قىلىندى، تەرجىمىدە قىسمەن سەۋەنلىكلەر كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، بىراق بىز ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشتۇق!بۇ مەزمۇننى كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ


16

评论

全部评论:0

  • 加载中

    精彩即将呈现...

  • 没有数据啦...

设置置顶时长
小时

到期后将自动取消置顶

您有新消息来啦