【新闻】 تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم پەيتىدە تۇرغان شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى

2019-03-31 18:50:40

浏览量:2644

评论:2

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى نيې چۈن شىنجاڭ پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە سايلاندى، شىنجاڭ دامىڭ كانچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شۈ مىڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى، 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىسىگە قاتناشقان جۇڭگو پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى، مانچىستېر شەھىرى كوماندىسى ۋە داليەن ۋەندا كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، جۇڭگو ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ جۇڭگو تەرەپ تېرىنېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سۈن جىخەي شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى، شىنجاڭ پۇتبول تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يىڭ جۈن شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاندى.


بىرىنچى، شىنجاڭ پۇتبولى تارىخىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم پەيتنى كۈتۈۋالدى


2019-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ پۇتبولى تارىخىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم پەيتنى كۈتۈۋالدى، يەنىشىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەھبەرلىرى قايتىدىن سايلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئايرىش تاماملاندى.


يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدە، ھەم پۇتبولغا قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان كارخانا ۋەكىللىرى، مۇنەۋۋەر پۇتبول تېرىنېرلىرى، پۇتبول كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ چىقىرىۋاتقان كۇلۇبقا مەبلەغ سالغۇچى قاتارلىق كەسپىي زات ۋەكىللىرى بار، شۇنداقلا قانۇن، ئاخبارات، چوڭ سانلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرمۇ بار بولۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىنكى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىللىك، كەسپىي ۋە نوپۇزلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. شىنجاڭنىڭ پۇتبول باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا «جۇڭگو پۇتبول ئىسلاھات تەرەققىياتى ئومۇمىي لايىھەسى»نىڭ تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىيلاشقان تەشكىلىي ئاپپارات دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلىدۇ، ھەمدە تېز سۈرئەتتە ئەمەلىيلىشىش، كەسىپلىشىشكە يۈزلىنىپ، ئاخىرىدا، پۇتبول باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن پۈتۈنلەي ئاجرىلىپ چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.


«پۇتبول مەدەنىيىتىنى جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئاكتىپ ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.»


بۇ بارلىق تۈرتكىلەر دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرى ۋە رەھبەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاشلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، دۆلىتىمىز پۇتبول ھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچلۈك، ئىزچىل مەدەت بەردى. لېكىن دۆلىتىمىزدە ھازىرقى زامان پۇتبولىنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى ۋە رىقابەت سەۋىيەسى جەھەتتە، پۇتبولدا كۈچلۈك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا يەنىلا زور پەرق بار.

شىنجاڭ پۇتبولىدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراق، جۇڭگو ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ جۇڭگو تەرەپ تېرىنېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سۈن جىخەينىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ ۋە داڭلىق كارخانىچى شۈمىڭ، شىنجاڭ پۇتبول تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شياۋ گوشىن، شىنجاڭ پۇتبولىدىكى چوڭ ئىسلاھاتنى ئورتاق سىلجىتىش جەھەتتە تېزلا بىر قاراشقا كەلدى.



ئىككىنچى، شىنجاڭ پۇتبول ئارزۇسى باشلانغان جاي


شىنجاڭنىڭ كەڭ زېمىدا پۇتبول ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان سان-ساناقسىز ئۆسمۈرلەر بار.

جۇڭگودا، شىنجاڭغا ئوخشاش پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان باشقا جاي چوقۇم يوق، پۇتبول ئارزۇلىرى يۈرەكنىڭ رېتىمىغا سىڭىپ بولغان، مانا بۇ قىزغىنلىققا تولغان شىنجاڭ پۇتبولى.

شىنجاڭنىڭ پۇتبول مەدىنىيىتى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە، قەشقەر دەل داڭلىق پۇتبول شەھىرىدۇر، ئاتۇش شەھىرى ئېكساق كەنتى بولسا رىۋايەتلىك پۇتبول كەنتى ھېسابلىنىدۇ – مەزكۇر كەنت تارىخىدا خاتىرىلىنىشىچە، 1885-يىلىلا، پۇتبول مەدىنىيىتى بۇ يەردە دەسلەپكى ئىزلىرىنى قالدۇرغان.

پۇتبولنىڭ ئۇرۇقى بۇ يەرگە چۈشۈپ، بۇ يەردە بىخلاندى، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتى.

بۇ ئۇرۇقلار شىنجاڭدىكى پۇتبول ئۆسمۈرلىرىنىڭ قەلبىدە ئارزۇ گۈللىرىنى ئېچىلدۇردى.


شىنجاڭدا، پۇتبولچى بالىلارنىڭ قەلبىدە جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىغان قىزغىنلىق بار، يەنە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغانتالانت ۋە ئىنتىلىش بار.

شىنجاڭدا جەمئىي 5100 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ، پۇتبول كوماندىسى بار مەكتەپلا 1000 دىن ئاشىدۇ، بالىلارنىڭ پۇتبولغان بولغان قىزغىنلىقى مەيدان، جابدۇقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. قۇم قاچىلانغان ئىككى قۇرۇق بوتۇلكىنى تىزىپ ۋاراتار قىلىدۇ، چەمى ئاجراپ كەتكەن ئايىقىدىمۇ ئوخشاشلا چەبدەسلىكىنى نامايان قىلالايدۇ.

كىچىكىدىنلا ياۋا توپ تېپىپ كۆنۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسى ۋە تېخنىكىسى، خۇددىي برازىلىيەدىكى كوچىلاردا پۇتبول تېپىدىغان بالىلارغا ئوخشاشلا ئىنتايىن ياخشى، كۆپلىگەن مەشىقلەرمۇ ئۇلارنى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا رايونلاردىكى بالىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ قالتىس قىلغان.


پىچان ناھىيەسىدە «قۇملۇق بۆرىسى» دەپ بىر پۇتبول كوماندىسى بار، ئۇلار كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا، سىمونت مەيداندا ۋاراتارغا توپ ئۇرۇشنى مەشىق قىلىدۇ، كەچقۇرۇن قۇملۇقتا يۈگۈرۈپ بەدەن ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرىدۇ.

بۇ سىرلىق تۇپراقتا، ئۆزىنىڭ ئاددىيغىنە ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر توپ ئوغۇل بالىلار بار.

يېشىل چىملىق يوق، ئۇلار سىمونتتىن ياسالغان ۋاسكىتبول مەيدانىدا مەشىق قىلىدۇ، توپا مەيدانمۇ كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىقىنى تۆۋەنلىتەلمەيدۇ. كوچا-كويلاردا، ئورەك بىلەن توشۇپ كەتكەن يەرلەردە، ھەممىلا يەرلەردە قىزغىنلىق بىلەن پۇتبول ئوينايدۇ. نۆلدىن تۆۋەن يىگىرمە-ئوتتۇز گرادۇس بولغان قىش كۈنلىرىدىمۇ، قارلىق جايلاردا پۇتبول ئويناۋاتقانلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ. كىشىلەر پۇتبول مەيدانى چوڭلۇقىدىكى جايغا يىغىلىپ، خۇددى بايرامغا ئوخشاش تەنتەنە قىلىشىدۇ.

«جۇڭگودىكى ئەڭ يىراق پۇتبول» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا، چۆللەردە، قۇملۇقتا، قاقاسلىقتا يۈگۈرۈۋاتقان بالىلار سۈرەتكە ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ كەسپىي ئەسلىھەلىرى يوق، لېكىن ھەرگىزمۇ كەم بولمايدىغىنى، يەنىلا ئۇلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقى.

بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ پۇتبول قىزغىنلىقى، ھەتتا ئۇلارنىڭ پۇتبولغا بولغان چۈشىنىشىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن.




پۇتبولنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىلىرى ئىزچىل شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ كەلدى.

خوتەن قارىقاش ناھىيە كاۋاك يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى، يەتتە مەيداننىڭ ھەممىسىدە ئۇتۇشتەك نەتىجە بىلەن، ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «تىنچلىق لوڭقىسى» خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتى.

شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىلىرى ئېرىشكەن بۇ نەتىجىلەر، ھەممەيلەنگە، پەقەت ئارزۇ بولسىلا، ھەر قانداق قاقاسلىقتىمۇ گۈللەرنىڭ ئېچىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ پۇتبولىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرى

ياش-ئۆسمۈرلەر ئوتتەك قىزغىنلىققا ئىگە، شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك داشۆسىنىڭ پۇتبول كوماندىسى، شىنجاڭغا تېخىمۇ شەرەپ ئېلىپ كەلگەن.

2018-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك داشۆسى پۇتبول كوماندىسى CUFA مەملىكەتلىك چېمپيونلىقىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ پۇتبول ئابىدىسىگە يەنە بىر خاتىرە قالدۇردى.

بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا ۋاكالىتەن سىرتقا چىقىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى ئەمەس.

بىرىنچى قېتىم مەملىكەتلىك مەكتەپلەر گۇرۇپپىسى ئالىي مەكتەپلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە بەشىنچىلىككە ئېرىشكەن.

ئىككىنچى قېتىم، شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك داشۆسى پۇتبول كوماندىسى 4:5 (نۇقتا توپ) نەتىجە بىلەن خۇابېي ئېلېكتر ئېنىرگىيە داشۆسىگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.

ئۇلار مۇسابىقىنى تەمكىنلىك بىلەن ئويناپ، ياخشى ھەمكارلىشىپ، ھەممە كوماندىلارنى يېڭىپ، شەرقىي شىمال رايونىدىكى تاللاش مۇسابىقىسىدىن ئۈزۈپ چىقىپ، ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ، مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن بۇيانقى، تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى ياراتتى.



ئالىي مەكتەپلەر ئېرىشكەن بۇ شانلىق نەتىجىلەرنى دۆلەت سىياسەتلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ھۆكۈمەت «شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى چۈشۈرۈپ، پۇتبول تەرەققىياتىدىكى ئون يىللىق پىلاننى بېكىتتى.

شىنجاڭدا مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى بولغان مەكتەپلەر 1000 دىن ئارتۇق بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقان بالىلار 100 مىڭدىن ئاشىدۇ، ھەر يىلى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا نۇرغۇن تالانت ئىگىلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۈرۈمچى، قەشقەر شەھىرى مەملىكەت بويىچە مەكتەپ پۇتبولى ئورۇنلاشتۇرۇلغان شەھەر دەپ بېكىتىلدى، دۆلەت دەرىجىلىك مەكتەپ پۇتبولى ئۈلگە مەكتىپىدىن 92 سى بار.



كەسپىي پۇتبولچىلىق ئاسان ئىش ئەمەس، بەزىلەر مەغلۇپ بولىدۇ، بەزىلەر ئۈزۈپ چىقىدۇ

«شىنجاڭدىكى مەكتەپلەردىكى پۇتبول تېرېنېرلىرى بىلەن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئانچە پەرقى يوق، تاكتىكىسى يوق، مەشىق قىلغاندا، ئاۋۋال بەدەن قىزىتىپ، يۈگۈرىدۇ، ئاندىن تەييارلىق ھەرىكەتنى قىلىپ بولۇپلا، ئىككىگە بۆلۈنۈپ مۇسابىقە ئوينايدۇ.»

شىنجاڭدا ياخشى تۇپراق ۋە نوتىلار بار، لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيەسىدىن كەسىپلىشىشكىچە، ئىزچىل يېتىلگەن تەربىيەلەش سىستېمىسى تەسىس قىلىنمىغان.

2014-يىلى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى ھەقىقىي مەنىدىكى كەسپىي كوماندا بولۇپ قالدى، شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ كوماندىدىن زور ئۈمىد كۈتتى.

2015-يىلى، ئۈرۈمچى جۈنتەي ئۆي-مۈلۈك گۇرۇھى تەڭرىتاغ يىلپىزىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچېكىگە ئايلاندى، كېيىنكى ئۈچ يىل بولسا، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان ئۈچ يىل بولدى، شۇنداقلا شىنجاڭ كەسپىي پۇتبولچىلىقى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان ئۈچ يىل بولدى.

2016-يىلى، مەزكۇر كوماندا شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىغا بىر مەزگىل جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىگە چىقىش ئۈمىدىنى بېغىشلىدى. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى، جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، بەش دەرىجە كوماندا قۇردى.



شۇنىڭدىن باشلاپ، تيانشان يىلپىزى چېمپيونلۇق مۇساپىسىگە قەدەم قويدى.

2015-يىلى، مەملىكەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر U-16 لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى چېمپيون بولدى، 2015-يىلى 10-ئايدا، شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت يىغىنىدا چېمپيون بولدى (بۇ شىنجاڭ ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەملىكەتلىك ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن تۇنجى چېمپيونلۇقى ھېسابلىنىدۇ)، 2016-يىلى شىنجاڭ U17 لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى يەنە بىر قېتىم چېمپيون بولدى، 2017-يىلى، تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسى غالىبلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى. 2018-يىلى، جۇڭگو ياشلار دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە U19 مۇسابىقىسىدە، A گۇرۇپپىدا سەككىزىنچىلىككە ئېرىشتى...

دەرۋەقە، بىر مۇنەۋۋەر سۇپا بولسا ئاندىن مۇنەۋۋەر تالانت ئىگىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان ئىقتىدار بولىدۇ، تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى، ياشلارنىڭ مەشىق سىستېمىسى ۋە سۇپىسىنى قۇرۇپ، پۇتبول تالانتى بار بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا سىستېمىلىق، كەسپىي بولغان مەشىققە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى، تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كوماندىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇردى.



ئۈچىنچى، شىنجاڭ پۇتبولىنىڭ كەلگۈسى پارلاق

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، تالانتى بار دەپ قارالغان نەچچە يۈز پۇتبول ئۆسمۈرى، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرىدىكى پۇتبول تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرنىڭ ياشلار تەربىيىلەش بازىلىرىغا بېرىپ پۇتبول مەشىقى ئېلىپ باردى، لېكىن ئاخىرىدا كەسپىي پۇتبولچى بولۇپ يېتىشىپ چىققانلىرى ساناقلىقلا بولدى.

2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، بارى خاڭجۇ لۇچېڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن، ئاسىيا كۇلۇپلار چېمپيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ تۇنجى توپىنى كىرگۈزۈپ داڭ چىقاردى. 2016-يىلى، 22 ياشلىق چۆچەكلىك پۇتبولچى ئېرجات، پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى فېرىرا كوماندىسىغا تاللاندى. 2017-يىلى، 18 ياشلىق دۆربىلجىن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ئېرپان، مۈشۈكئېيىق لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە، دۆلەت ئولېمپىك پۇتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئىنتايىن قالتىس بولغان كەينىچىلاپ موللاق ئېتىپ توپ كىرگۈزدى. 2017-يىلى، 14 ياشلىق قەشقەرلىك پۇتبولچى بالا، ياپونىيە J بىرلەشمىدىسىكى U18 كوماندىسىغا تاللاندى. 2017-يىللىق جۇڭگو ئالتۇن توپ باھالىشىدا، غۇلجىلىك پۇتبولچى سۈبھى U16 بويىچە ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر پۇتبولچىنىڭ كەينىدە، نەچچە مىڭلىغان شاللانغان بالىلار بولىدۇ. ئىلغارلىرى تاللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىدىغان پۇتبول كەسپىدە، چوقۇملا ساناقسىز ياش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بەربات بولغان ئارزۇلىرى بار.


بىر مۇنەۋۋەر پۇتبولچىدا، قالتىس بەدەن ساپاسى ۋە پۇختا تېخنىكا بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىنتايىن ياخشى بولغان ئالاقە ئىقتىدارى، چۈشىنىش ئىقتىدارى، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك، ئىدىيە جەھەتتە يەنە كوللىكتىپ بىلەن ماسلىشىش روھى ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولۇشى كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان مەدەنىي ساپانى ئاساس قىلىدۇ.

ئەگەر ھەقىقىي پۇتبول مەدىنىيىتى بىلەن ئۇچراشمىسا، كەسپىي مەشىق ۋە يېتەكچىلىكنى قوبۇل قىلمىسا، مۇكەممەل بولغان پۇتبول تەربىيەلەش سىستېمىسى بولمىسا... قانچىلىك تىرىشقان بىلەنمۇ، پەقەت شىنجاڭنىڭ پۇتبول رىۋايىتى ۋە كۆپچىلىك ئۇنتۇپ قالىدىغان تالانتلىق ئۆسمۈر دېگەن ناملا قالىدۇ، لېكىن بىزنىڭ كۈتىدىغىنىمىز كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىشتۇر!

ھازىر، بۇ كۈن كەلدى!

بۇ يەردىكى پۇتبولچىلاردا پۇتبولغا بولغان ئاجايىپ ئىشتىياق بار، ئۇلار ئىلگىرى پەقەت مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈنلا پويىزدا 40 سائەتتىن ئارتۇق تۇرىدىغان تۇرۇش بېلىتى ئالغان.

بۇ يەردە پۇتبول ئارزۇسىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان تۇپراق بار، بۇ يەردىكى بالىلار كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا مەشىق قىلىدۇ، قۇملۇقتا مەشىق قىلىدۇ، قار ئۈستىدە مەشىق قىلىدۇ، پەقەت ھامان بىر كۈنى ھەقىقىي يېشىل چىملىق مەيدانغا چىقىپ يۈگۈرۈش ئۈچۈنلا...

بۇ يەردە ئەڭ قىزغىن پۇتبول مەستانىلىرى بار، ئىلگىرى جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 60 مىڭ تاماشىبىن بولۇشتەك رېكورتنى ياراتقان.

بۇ يەر جىددىي دىققەت قىلىشقا ئېھتىياجلىق يەر، ئىقتىدارى بار ئادەملەرنىڭ پۇتبولغا مەبلەغ سېلىشىغا ئېھتىياجلىق، كەسپىي كىشىلەرنىڭ پۇتبول كەسپىتىدىكى ھاياتلىق مۇھىتىنى قوغداشقا ئېھتىياجلىق، بۇ پۇتبول ئارزۇسى بولغان ئۆسمۈرلەرنى ئۆز كەلگۈسىنى كۆرۈشكە يېتەكلەيدىغان ئادەمگە ئېھتىياجلىق...

3-ئاينىڭ 28-كۈنى، پۇتبول بىرلەشمىسى قايتىدىن سايلىنىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈمىدكە ئىگە قىلدى.

شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى نيې چۈن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ھەرگىزمۇ شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىش ئەمەس، بەلكى تۈزۈلمە ۋە مېخانىزم جەھەتتە چوڭقۇر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، كۈچلەرنى توپلاپ، شىنجاڭ پۇتبولىنىڭ ھەم تېز، ھەم ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈندۇر، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈندۇر، ئاخىرقى نىشان بولسا جۇڭگو پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنى گۈللەندۈرۈپ، پۇتبولدىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇش ئۈچۈندۇر.»

دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغىنىغا، كەسپىي كىشىلەرنى كەسپىي ئىش قىلىشقا تەيىنلىگەنلىكىگە، پۇتبول كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىغا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز پۇتبولچىلىقىنى يېتىلىشىگە نەزەر سېلىشقا يېتەكلىگەنلىكىگە، پۇتبول مەدەنىيىتىنى جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئاكتىپ ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت!

شىنجاڭ پۇتبولى قايتىدىن قەدەم باسسۇن، شىنجاڭ پۇتبولى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ پۇتبولچى بالىلارنى داۋاملىق قوللىشىنى، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا يەنىمۇ يېقىنلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!


14

评论

全部评论:0

  • 加载中

    精彩即将呈现...

  • 没有数据啦...

设置置顶时长
小时

到期后将自动取消置顶

您有新消息来啦